تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭ

2016-09-16 00:25:47 -0700

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، بىر لەززەتكە بولىمەن غەرق. لەۋلىرىمدە مېھرىڭ شىرنىسى، شادلىقلىرىم چىقىرار قىلىق.

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، ئوت چاچىدۇ قارچۇقلىرىڭ يار. بۇ ھوجۇمغا چىدالماي يۈرەك، غال-غال تىترەپ،تەنلەر جۇغۇلدار.

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، كۈلكە تۆكۈپ،ھاياجان تۆكۈپ، تەلمۈرىمەن ئامرىقىم ساڭا، ئەجەپ شىرىن ھىسلارغا چۆكۈپ.

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، ئوت يۇتىمەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن. كۆزلىرىڭدىن گۈل سۇنۇپ ماڭا، بارلىقىمنى ئەيلىدىڭ مەپتۇن.

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، بەخت قۇشى قونار بېشىمغا. ئىرىپ كېتەر مۇزلىغان تىنىم، ئوت ئاقىدۇ تومۇرلىرىمدا.

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، يۈرەك ئەمەس باغرىمدىكى چوغ. ساڭا بولغان سۆيگۈم كۆكسۈمدە، ئۆمۈر بويى يىقىلماس بىر تۇغ.

تىكىلگەندە كۆزلىرىڭ ماڭا، قانلىرىمنى قاينىتار پىراق. نى-نى كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن سەنسىز كۈنلىرىم ئۇزاق.


يۈرىكىمدە ۋىسال غەلۋىسى، ھوۋلاپ تۇرار ئۆچمەس بىر گۈلخان. مەن شۇتاپتا سۆيگۈ تەلۋىسى، ئاشىقلىقىم كۆتۈرگەن غەليان.

«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N